Bilmaydu

Anwar-Maglik

作词 : Anwar-Maglik

作曲 : Anwar-Maglik/Nureli

编曲 : Anwar-Maglik

ناخشىدا : ئەنۋەر مەڭلىك

مۇشتەك يۈرەككە سىغدۇرۇپ دەتنى

يۈرگۈنۈمنى ھىچكىم بىلمەيدۇ

دىلمىدا قايغۇ يۈزۈمدە كۈلكە

ئۆلگۈنۈمنى ھىچكىم بىلمەيدۇ

مىنى باشقىلار بىر غەمسىز دەيدۇ

غەمنى دىلغا كۆمدۈم بىلمەيدۇ

نىمە پايدىسى ئىيتساممۇ دەتنى

كىش كۆڭلۈنى كىشى بىلمەيدۇ

نىمە پايدىسى ئىيتساممۇ دەتنى

كىش كۆڭلۈنى كىشى بىلمەيدۇ

ئۆزۈم بىلۇرمەن ئۆزەم بىلۇرمەن

يات بىلمەيدۇ ئۆزۈم بىلۇرمەن

غېرىپلىقىمنى يالغۇزلۇغىمنى

بۇ دۇنيا ئۆزەم بىلۇرمەن

ئۆزۈم بىلۇرمەن ئۆزەم بىلۇرمەن

يات بىلمەيدۇ ئۆزۈم بىلۇرمەن

♪ مۇزىكا ♪

ئوخشاپ قالدىم تەنھا كىيىككە

ھەمرايىم يوق ئۆزۈم كۈلەرمەن

يولدىن ئازغان سەرگەردان كەبى

ئۇزۇن تاڭدا يالغۇز تۈنەرمەن

يولدىن ئازغان سەرگەردان كەبى

ئۇزۇن تاڭدا يالغۇز تۈنەرمەن

ئۆز غېمىمنى ئۆزۈم يىمىسەم

ھىچ بىر كىشى غىمىم يىمەيدۇ

مىيىقىمدا كۈلۈپلا قويدۇم

مەنىسىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ

مىيىقىمدا كۈلۈپلا قويدۇم

مەنىسىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ

مىيىقىمدا كۆيدۈم كۈلۈپلا

مەنىسىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ

歌词滚动:Nasirjan

同歌手歌词