Unutma

Mutallip Ahat

作词 : mutalipjanKawul

作曲 : Ali Tohti

编曲 : Eliyar Hudabardi

يىراقلارغا كەتكىنىمدە

سىنى تەشنا ئەتكىنىمدە

مىنى ئۇنۇتما

مەنمۇ ساڭا تەلپۈنەرمەن

يوللىرىڭغا تەلمۈرەرمەن

شۇنى ئۇنۇتما

سىنى ھەركۈن سىغىنارمەن

يالغۇزلۇقتا قىينىلارمەن

بۇنى ئۇنۇتما

باغرى ئاتەش سەمەندەرمەن،

سۆيگۈگە زار قەلەندەرمەن.

شۇنى ئۇنۇتما

ئۇنۇتما يار، ئۇنۇتما يار، سۆيگەنىمنى ئۇنۇتما،

ئۇنۇتما يار، ئۇنۇتما يار، كۆيگەنىمنى ئۇنۇتما.

ئۇنۇتما يار، ئۇنۇتما يار، ۋەدىلەرنى ئۇنۇتما،,

چىن يۈرەكتىن ئارزۇ قىلغان ئەتىلەرنى ئۇنۇتما。

مۇزىكا

كىرپىگى ئوق تولۇن ئايىم

يۈرىكى چوغ بىغۇبارىم

، مىنى ئۇنۇتما

بىرلا ساڭا ئىنتىزارمەن،

يوللىرىڭغا گۈل تىزارمەن،

شۇنى ئۇنۇتما

لەيلى بولساڭ مەجنۇنىڭمەن،

ساڭا شەيدا مەپتۇنۇڭمەن،

بۇنى ئۇنۇتما

قىيىن بەلكى سۆيگۈ شەرتى

كىلەر بىر كۈن ۋىسال پەيتى

، شۇنى ئۇنۇتما

ئۇنۇتما يار، ئۇنۇتما يار، سۆيگەنىمنى ئۇنۇتما،

ئۇنۇتما يار، ئۇنۇتما يار، شۇ كۈنلەرنى ئۇنۇتما

ئۇنۇتما يار، ئۇنۇتما يار، ۋەدىلەرنى ئۇنۇتما،

چىن يۈرەكتىن ئارزۇ قىلغان ئەتىلەرنى ئۇنۇتما

ئۇنۇتما يار، ئۇنۇتما يار، سۆيگەنىمنى ئۇنۇتما،

ئۇنۇتما يار، ئۇنۇتما يار، كۆيگەنىمنى ئۇنۇتما

ئۇنۇتما يار، ئۇنۇتما يار، ۋەدىلەرنى ئۇنۇتما،

چىن يۈرەكتىن ئارزۇ قىلغان ئەتىلەرنى ئۇنۇتما

ئەتىلەرنى ئۇنۇتما

同歌手歌词