Mihir Sowgusi

Adiljan Mamitimin

作词 : Muhtar Bughra

作曲 : Adiljan Mamitimin

编曲 : Adiljan Mamitimin

Mëhr Sowghisi / مېھر سوۋغىسى

ئادىلجان مەمتىمىن:

يوپۇرماق قۇياشتىن ئالىدۇ بەھر

نۇرلۇق دىل بىر دىلغا بېرىدۇ مېھر

مۆمىنجان ئابلىكىم:

يوپۇرماق قۇياشتىن ئالىدۇ بەھر

نۇرلۇق دىل بىر دىلغا بېرىدۇ مېھر

ئابدۇكېرەم ئابلىز:

چەينەكمۇ باش ئېگەر پىيالىلەرگە

مىېھرلىك ئىنساندا بولمايدۇ كىبىر

تاشمۇھەممەت باتۇر:

چوڭ چەينەك باش ئېگەر پىيالىلەرگە

مىېھرلىك ئىنساندا بولمايدۇ كىبىر

♬♪مــۇزىــكــا♪♬

مۆمىنجان ئابلىكىم:

بىرەر تال گۈلدىمۇ باغنىڭ ھىدى بار

ئاي قىزلار گۈلنى خوپ ئالار ئېتىبار

ئادىلجان مەمتىمىن:

بىرەر تال گۈلدىمۇ باغنىڭ ھىدى بار

ئاي قىزلار گۈلنى خوپ ئالار ئېتىبار

تاشمۇھەممەت باتۇر:

كىم دەيدۇ دۇنيادا بىر باھار بار دەپ

مېھرمۇ چىرايلىق ئىككىنچى باھار

ئابدۇكېرەم ئابلىز:

كىم دەيدۇ دۇنيادا بىر باھار بار دەپ

مېھرمۇ چىرايلىق ئىككىنچى باھار

♬♪مــۇزىــكــا♪♬

تاشمۇھەممەت باتۇر:

كۆرۈشەر دۇنيادا ياخشىلار ئەۋزەل

كۆڭلىدە بولغاچقا نىيەتلەر گۈزەل

ئادىلجان مەمتىمىن:

كۆرۈشەر دۇنيادا ياخشىلار ئەۋزەل

بولغاچقا كۆڭلىدە نىيەتلەر گۈزەل

ئابدۇكېرەم ئابلىز:

ھاياتتا قەھرلىك بولماي مېھرلىك

ياشاشقا ئەلۋەتتە تۆلىشەر بەدەل

مۆمىنجان ئابلىكىم:

ھاياتتا قەھرلىك بولماي مېھرلىك

ياشاشقا ئەلۋەتتە تۆلىشەر بەدەل

♬♪مــۇزىــكــا♪♬

مۆمىنجان ئابلىكىم:

قەلبنىڭ ئازارى مېھر سۇلغانلىق

ئېھساندۇر يېرىمىنى پۈتۈن قىلغانلىق

ئادىلجان مەمتىمىن:

قەلبنىڭ ئازارى مېھر سۇلغانلىق

ئېھساندۇر يېرىمىنى پۈتۈن قىلغانلىق

تاشمۇھەممەت باتۇر:

مېھرىدىن جان ئەمەس ئىللىيدۇ جاھان

مېھرنىڭ سوۋغىسى تىنچ - ئامانلىق

ئابدۇكېرەم ئابلىز:

مېھرىدىن جان ئەمەس ئىللىيدۇ جاھان

مېھرنىڭ سوۋغىسى تىنچ - ئامانلىق

بىللە:

مېھرىدىن جان ئەمەس ئىللىيدۇ جاھان

مېھرنىڭ سوۋغىسى تىنچ - ئامانلىق

مېھرىدىن جان ئەمەس ئىللىيدۇ جاھان

مېھرنىڭ سوۋغىسى تىنچ - ئامانلىق

تىنچ - ئامانلىق

تېكىست تەھرىرى:ئابدۇخالىق تەربى

同歌手歌词