Suygu

ZulpYe

作词 : Abduhelil Abdukerim

作曲 : Salim Seper

制作人 : 阿依巴特@ARMusic

吉他:Adil Ekber

和声:ElyarNuri

出品:网易青云LAB X 楼兰音乐

بىز ئىككىمىز يېنىپ كۆيگەن كەبى ،

كۆيمەس بىرى سۆيگۈ ئۈچۈن .

شۇنچە شېرىن شۇنچىلىك تەبى ،

سۆيگۈگە يار يەتتۇق بۈگۈن .

دىل رىشتىمىز تاپار ۋىسال ،

مەن گۈل بولۇپ سەنكى باھار .

ھەر كۈنىمىز ئۆتتى خۇشال ،

سەن ئىنتىزار مەن ئىنتىزار .

بىزگە ۋىسال ئاچار قۇچاق ،

غەم قايغۇلار يىراق .

يانار دىلىمدا گۈلخان بولۇپ ،

بۇ شېرىن ئوت پىراق .

دەريا دەريا بولۇپ ئاقىمەن ،

دۇنيا دۇنيا بولۇپ يانىمەن .

ساڭا ھەمرا بولۇپ ئۆتىمەن يار .

دەريا دەريا بولۇپ ئاقىمەن ،

دۇنيا دۇنيا بولۇپ يانىمەن .

ساڭا ھەمرا بولۇپ ئۆتىمەن يار .

Music

ئۆتسە كۈنۈم يەنە سەن بىلەن دايىم،

ھايات ماڭا شۇنچە گۈزەل .

سۆيگۈ ئۈچۈن سوقسۇن بۇ يۈرەك ،

سەن ماڭىلا پۈتكەن غەزەل .

بارىمنى ئال بېرەي ساڭا ،

يانىمدا قال قەدرىم ئۈچۈن .

تەغدىر سىنى بەردى ماڭا ،

جېنىم پىدا بەختىم ئۈچۈن .

بىزگە ۋىسال ئاچار قۇچاق ،

غەم قايغۇلار يىراق .

يانار دىلمدا گۈلخان بولۇپ ،

بۇ شېرىن ئوت پىراق .

دەريا دەريا بولۇپ ئاقىمەن ،

دۇنيا دۇنيا بولۇپ يانىمەن .

ساڭا ھەمرا بولۇپ ئۆتىمەن يار .

دەريا دەريا بولۇپ ئاقىمەن ،

دۇنيا دۇنيا بولۇپ يانىمەن .

ساڭا ھەمرا بولۇپ ئۆتىمەن يار .

دەريا دەريا بولۇپ ئاقىمەن ،

دۇنيا دۇنيا بولۇپ يانىمەن .

ساڭا ھەمرا بولۇپ ئۆتىمەن يار .

دەريا دەريا بولۇپ ئاقىمەن ،

دۇنيا دۇنيا بولۇپ يانىمەن .

ساڭا ھەمرا بولۇپ ئۆتىمەن يار .

歌词滚动:Amarjan Yasin