Yurkum Anam(我的母亲)

10Yil

作词 : 10Yil/Rejez

作曲 : Respect26

ئانا، ناخشامنى ئاڭلىدىڭما

ئاشخانا ئۆيدىكى ناخشاڭنى ئاڭلىغۇم با

جەمىيەتتە ئۇرۇلۇپ نۇرغۇن يولنى ماڭدىم خاتا

ئەمدى ئەقلىم توختىدى بۇ ناخشىنى قىلاي ئاتا

ئانا سېنىڭ سۆيگۈڭ ئېگىزلىكتە ئەرىشتە

ئانا سەن بىغۇبار(سىز) گۈزەللىكتە پەرىشتە

ئانا قانچە ئاتىساممۇ قانمايدۇ باغرىم

يىللار سېنى ئېزىۋەتتى بىلىمەن ئانا ھاردىڭ

ئانام گۈزەل، ئانام پاكىز، ئانام گۆھۈرۈم

ئانام ئۇلۇغ، ئانام ئالماس، ئانام مۆھۈرۈم

ئانام گۈلۈم، ئانام تېغىم، ئانام يۇلتۇزۇم

ئانام قۇياش، ئانام دەريا، ئانام قۇندۇزۇم

ئانام ھەسەل، ئانام شەبنەم، ئانام كۆز نۇرۇم

ئانام تەسەللى، ئانام يۈركۈم، ئانام قان خۇنۇم

ئانام ھەيۋەت، ئانام يۈكسەك، ئانام ئالىمىم

ئانام شۆھرەت، ئانام دورام، ئانام مۇئەللىمىم

ئانامنى رازى قىلالمىسام قەسلىۋەت دۇنيا

ئانامنى رازى قىلالمىسام دەسسىۋەت دۇنيا

جاپارى زور دۇنيا جازارى زور دۇنيا

ئانامنى رازى قىلالمىسام يەنجىۋەت دۇنيا

توغرا ئانا مەس بولۇپ قوينۇڭغا قۇسقانمۇ مەن

نۇرغۇن ئىشتا كەلگۈسۈڭنى يولۇڭنى توسقانمۇ مەن

مەن تۈپەيلى تۇتۇلدى ئۈنۈڭ تۈكۈلدى قېنىڭ

مەن تۈپەيلى 26يىل جاپادا ئېگىلدى بېلىڭ

ئانا يۈركۈڭنى يېرىپ چىقىپ تىككەن يەنى تاتلىدىم

كۈنۈم كۈنۈم يۈركۈڭنى يەپ كوچىلاردا قاترىدىم

كوچىدا ئەركەك ئازكەن ئانا سىرىمنى دۈشمەنگە ساتتى

ئەمدى بېلىم قاتتى ئوغلۇڭنىڭ مىجەزى سېنى تارتتى

ئانامنى خارلىما دۇنيا يۈزۈڭگە پىچاقنى تىققىنىم تىققان

ئانامنى ئايىمىساڭ كۆڭلۈمدە ساڭا نەپرەت قاغىش پىغان

ئانام مىھرىدە دۇنيارىڭدىكى قانداق پەيلاسۇپ يېتىدۇ

ئانامنى قېينىما دۇنيا ئۆلسەم كۆزۈم ئوچۇق كېتىدۇ

ئانام مۆمىن ئۇنى باغلىغان ئارقانلىرىڭنى تارىت دۇنيا

ئانامنى كۆيدۈرۋاتقان ھەم ۋولقانلىرىڭنى ياپ دۇنيا

ئانام قېرىمىسۇن ھارمىسۇن بىزگە يات دۇنيا

ۋاقىتىڭ بىلەن سائىتىڭنى قۇچاقلاپ ئەمدى قات دۇنيا

ئانامنى رازى قىلالمىسام قەسلىۋەت دۇنيا

ئانامنى رازى قىلالمىسام دەسسىۋەت دۇنيا

جاپارى زور دۇنيا جازارى زور دۇنيا

ئانامنى رازى قىلالمىسام يەنجىۋەت دۇنيا

演唱者:Rejez

سېنىڭدىن پۈتۈك بۇ ۋىجدان ئېي

سەنسىز ۋىجدانىم ھېجران ئېي

سەن ۋەج تۇۋاق ئاستى قازان ئېي

سەنسىز باراقسان گىياھسىز خازان ئېي

جاھان رۇخسارى پورەك گۈلزارلىرى گۈزەل تۈستە

ئانام تەبىئىيلا بېھىش يوقتۇر ئالا-چىپار ھەل

ئاقىل دېدى خۇش مېھىرنى ئاناڭدىن ئىستە

دىماقلىرىم مەستخۇش ئانام ئەزەل ئىپار-ئەنبەر

كەزدىم تالاي، دەشتتۇ-باياۋان ھەتتا گۈلىستاننى

كۆرمىدىم ئانام كەبى بۇلبۇل ياكى قارلىغاچ

كەزدىم تالاي، مېھىر باھار قەھىر زىمىستاننى

ئانام سىماسى كۆرۈنمىدى تۈمەن ئىچرە ئارلىغاچ

ئېي ھېلىھەم ئەستە

خەستە كۆڭۈل ئانامنىڭ كۆڭلى بەجايىكى شېرىن تەم جىنەستە

رىزايىم ئانا بولاي قۇربانىڭ تەشەككۈر ئەقىدەمدە تىزاي ساڭا گۈلدەستە

ئانامنى رازى قىلالمىسام قەسلىۋەت دۇنيا

ئانامنى رازى قىلالمىسام دەسسىۋەت دۇنيا

جاپارى زور دۇنيا جازارى زور دۇنيا

ئانامنى رازى قىلالمىسام يەنجىۋەت دۇنيا

ئانامنى رازى قىلالمىسام قەسلىۋەت دۇنيا

ئانامنى رازى قىلالمىسام دەسسىۋەت دۇنيا

جاپارى زور دۇنيا جازارى زور دۇنيا

ئانامنى رازى قىلالمىسام يەنجىۋەت دۇنيا

同歌手歌词