Hitap

Mufasa

作词 : S.A/Elzat

作曲 : Internet

Elzat&S.A

قارا كىملەر نۇر كۆرەلمىدى

سۆيگەن زاتلار سۆي دېيەلمىدى

تۇرمۇش تاتلىق كۈل دېيەلمىدى

بەخت قەسىرىگە يۈر دېيەلمىدى

Elzat

كاللام قۇرۇق جايىمدا جىملا تۇرۇپلىقالدىم

ئىزدەپ جاۋاپ تاپالمىدىممەن كۈلپەتلەردە ئۇيۇپ قالدىم

ھاياتىمغا ئېغىرسىناخكەپ ئاچچىخ كۈلدى بىلىپلىقالدىم

ئۆتمەي تۇرۇپ ئۆتكەلدىن مەن ئۆلۈپلىقالدىم

يۈزۈمنى قارىپ سۆيگەنيارىم يىڭىنى كۆرۈپ بەدەر قاشتى

قىيالماستىنيالۋۇرغىنىمنى ئېقىتماي ئاپىرىپدۈشمەنگەساتتى

ئۇھھھ.... گەپنىڭ سەتى 4يىل بولدى تىتىمىغاندا

ھىسيات ھەۋىسىگە ئۆزىنىئاتتى چوڭقۇرپاتتى تولىمۇ ئاددى

ئەزرائىلدىن سادا كەلدى دەردىڭنى پەقەت قەبرەڭ بىلىدۇ

قوڭنى يۈزگە چاپلىدىڭ ھە يالغۇزلىقىڭ ھۆكۈم سۈرىدۇ

كۈلۈپكەتمە ئاشقانتاشقانھەممىسى ئوخشاش ئويناپكىتىدۇ

رىسقىم بوسا يۈرەك ئاغىنەم مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ كىلىدۇ

توۋا قىلدىم توۋا دەيمە قاباھەتلە يەتمىدىمۇ

توۋا قىلدىم توۋا دۇنيا غەزىپىڭ تىخى كەتمىدىمۇ

سىناخلىرىڭدىن سۇلدى چىراي نالىسى بېرىپ تەگمىدىمۇ

ئاڭلا دۇنيا نامەرتلەنىڭ ساختا يۈزىگە تەپمىدىمۇ

كۈلەلمىدىم مەن ھىچبىر ئىچىلىپ

تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىق ۋارىقى يىتىلىپ

يازغان تىكىستىم پىغانغا مىلىنىپ

ئەسىرگە چۈشكەن يۈرەكلە تىتىلىپ

كىتىۋاتىمىزغۇ مىڭ ئۆلۈپ تىرىلىپ

سېغىنىپ ئەمما بارامماي ئېتىلىپ

ئىشىنىپ سامما كۆڭۈلگە سىتىلىپ

كەتتىم دەرتمەن كارۋانغا قىتىلىپ

S.A

ئاق تام يۈزىدىكى قارا چېكىتتىن تەپەككۈرۈم ئويغاندى

ئالدىم قولغا قەلەمنى ئىچكۈزدۈم قارا سىياھ

خىيالىمدا گۈللۈكۈم قىزىل گۈلگە تولغانتى

كۆزۈمنى ئېچىپ داڭ قاتتىم مەن ئەتراپىم قارا گىياھ

نارسىدىدىن نالە كەلدى :" ماڭا يوقمۇ سايە؟!"

"قارا قول تۇتتى قولۇمنى ئەمدى ماڭا يوقمۇ غايە؟!"

كۆزىدە لىق ياش ئاش-توق قالغان يېتىم زارىنى ئاڭلا دۇنيا

قېرىنداشلىق مېھرىنى ئېلىپ ئۇنى پۇلغا سالما دۇنيا

چېقىلغان ئەينەك تەنگە كىرسە بولىدۇ ئاچچىق مەيدەك

تۇرمۇش دەستىدىن سەينەك بولغان قوللار مەشكە قويدى چەينەك

ھەيۋەت قالمىدى ئاتىنىڭ قەددىدە يارا قالدى ئانىنىڭ قەلبىدە

شائىر قەلىمىدە يېزىلدى خىتاب:”يىغلاپ قالىسەن قەبرىدە!“

ئىنى-سىڭلىڭغا قارا تار كوچىلاردا قىلمىسۇن سەيلە

ھويلاڭغا شەيتان توشتى ياخشىسى ئۇلارنى بۇ يەردىن ھەيدە

كۆڭۈل شادلىقى ئەخلاقىڭدىن ياتلىشىپ كەتمىسۇن

ناپاك، پاكلىق، مەرد، نامەردلىك چىگرىلىرىدىن ئاتلىشىپ كەتمىسۇن

ئاڭلا ! سىرلىق تۇمان ئىچىدە ئېزىپ قالما

ئازما ! يولۇڭ داۋامى تۇتۇشۇپ قالىدۇ ھاڭغا

دىللارغا ئىنساب بەرسۇن ھەمدە تىللارغا ئىنسان كۈلسۇن

يىللارغا مېھىر چاچقانلارغا چىن يۈرەكتىن گۈل سۇن

Elzat&S.A

قارا كىملەر نۇر كۆرەلمىدى

سۆيگەن زاتلار سۆي دېيەلمىدى

تۇرمۇش تاتلىق كۈل دېيەلمىدى

بەخت قەسىرىگە يۈر دېيەلمىدى