Few Fact (Prod By August Wu)

JT-Jurat

作词 : JT-Jurat/Nabi/ZZ

作曲 : JT-Jurat/Nabi

编曲:August Wu

混音:Jewlan

JT-Jurat:

ئۆتمۈش ۋەكىل ئەمەس يېقىنلاپ كىۋاتقان كەلگۈسىگە

زۇۋانسىز ناتىققا ناتۇنۇش بىرسى گۈللەرنى تىزىدۇ قەبىرسىگە

مۇز قېتىپ بىر مىتىر بولىشى بىركۈنلۈك سوغاقتىن بولغان ئەمەس

قۇياشمۇ غەرىپكە پاتقاندا سايەڭمۇ يېنىڭدا قالغان ئەمەس

يۈرەكنىمۇ كاۋابىن قىلىدۇ قىزارغان چوغ ئۈستىگە تاشلىساڭ

قالىسە ئاشۇنداق ئاقىۋەتكە ئۆزەڭنى بىردەپ چاغلىساڭ

ھاكاۋۇر سۈپىتى سىڭگەنمۇ بەش ئالتە كىلوگىرام قېنىڭغا

ئىقتىدار كەمچىللىك قىلىدۇ تۇشلۇق بولامسە جېنىڭغا

ئويغىنىپ تولغىنىپ سائەت سەككىزدە

Every Day

Sometimes in the class

سېغىنىپ

My family

سورىدىم قاچان تۈگەيدۇ شىلدىرلاپ ئاققانشۇ دەريا سۈيى

ئېرىشتىم جاۋابىن ئويلىنىپ دىدى بىركۈنى ئۆزەڭ ئۇسىغان كۈنى

ئەركەك ئىگە بولسا دەسسىگەن ھەربىر قەدىمىگە

سۆزلىگەن ھەربىر قەسىمىگە ۋە يەشكەن ھەربىر كەمىرىگە

نائەھلىگە ئەقىلنى بەرسۇن پوق يەپ كەتكەن ئەقلىگە

ئىنسابىن يوق ئىنسان تەڭ باراۋەر گەندىگە

ZZ:

ئاداش يېنىڭغا ئىزدەپ بارايمۇ سېنى

تالاغا چىقىپ ئويناپ كېلەمدۇق قېنىپ

بازامۇ بولماپتۇ بۈگۈن ئادەملەر قېنى

ئويانغا رايى يوق يا يانچۇقىدا ئاقچا

Black.N:

ھاياتلىق بۇ ئۇزۇن سەپەر

تۈگىدى ئەمدى كەتكىنى

كۈلىدۇقاقاقلاپ ھۇجرىسىدا

مۇرادىغا ئاخىرى يەتكىنى

قىينىما ئۆزەڭنى قۇچاقلا ئۆزۈڭنى

بىر يۇمۇپ باققىنە نەم باسقان كۆزۈڭنى

ئاڭلىماس بولدى ھېچكىممۇ سۆزۈڭنى

بۇرۇنقى ئاغىنەڭ قىلمىدى يۈزۈڭنى

رەنجىمە ھاياتتىن، جەمىئەت رەھىمسىز

غەلبىگە ئېرىشمەك كۆپ مۈشكۈل ئەجىرسىز

نائۈمۈد، نائىلاج ئۆتكۈزگەن كۈنۈڭ

غەملەرگە پېتىپ ئەلەمدە ئۆتكۈزگەن تۈنۈڭ

كەلمەسكە كەتتى بۇرۇنقى كۈلكە

ئايلاندى ھاياتىڭ توزىغان گۈلگە

بىلسەڭ بۇ ھايات ئەسلى بىر تۈلكە

بۇرۇنقى غەلبەڭمۇ ئايلاندى نۆلگە

ناتونۇش شەھەردە ناتونۇش كوچىدا

ئۆزۈڭنى يوقاتما يولۇڭنى تاپ

رەھىمسىز جەمىيەت،رەھىمسىزبۇ ئالەم

يوق بولسا تولۇقلا ئەيبىڭنى ياپ

同歌手歌词