ozumni?

Kevser-1A2K

作词 : Kevser-1A2K

作曲 : 无

ئۆزۈمنى ئالدايمۇ ؟

ئۆزۈمنى ئۇنتايمۇ؟

كۆزۈمنى ياشلايمۇ ؟

ئۆتمۈشنى تاشلايمۇ ؟

مەنلا ئەمەس ، سەنمۇ قىينالدىڭ بۇ ھاياتتا .

بىز بىنورمال ، شۇڭا ھەيدەلدۇق بىر تاياقتا .

تەمتىرىمە، ھاڭۋاقما مەنزىلىڭ قاياقتا ؟

يوقاتما ئۈمىدىڭنى باغرىڭدا چىڭ قۇچاقلا .

قورقايسە يەنە قانداق پېشكەللىكلەر كىلەر دەپ ،

توۋلايسەن ، ئۇن چىقمايدۇ زورلىسىمۇ دېيە دەپ .

بەزلەيسەن ئۆزۈڭنى ، خەيرلىك ئىشلار كىلە دەپ .

يوشۇرسا ئازابىڭنى يەنە كۆپىنچىلەردەك .

ئون بەش ئايدىڭ ، ئون بەش قارا يورۇقلۇقنى كۈتسە .

ئالدىرىما كۈنلەر ئۇزۇن ، بۇ تۇرمۇشقا كۆنىسەن .

ئېتىلدىغۇشارمۇ ھەتتا بىراۋ كۈچەپ پۈلسە ،

ئازابنىڭ ئازگاللىرىدىن بوستانلىققا كۆچسە ،

ئۆتتى ، زۇلمەت چاغلار ئازابقا تولغان ۋاقىتلىرىڭ .

كۈنلىرىڭ رەڭدار ، ئەمدى باشقىغا ماختىغىن .

ئىسسىق سوغۇق ھەممىنى كۆرۈپ ئۆتتى سېنىڭ ياشلىقىڭ .

ئىلگىرىكىدىن قەيسەر بول . ھەرگىز ئارقاڭغا قاچمىغىن .

غەيرەتلىك بول ، سۇلغۇن تەرىپىڭنى خەققە كۆرسەتمە،

كۈلۈپ ياشا ، لېكىن بولما خەققە دەپسەندە

ئۆزۈڭگە ئىشەن ، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ چۈشەن .

شۇ ۋاقىتتا تۇرمۇش دەيدۇ ، ئاخىر يولنى تېپىپسەندە.

ئۆزۈمنى ئالدايمۇ ؟

ئۆزۈمنى ئۇنتايمۇ؟

كۆزۈمنى ياشلايمۇ ؟

ئۆتمۈشنى تاشلايمۇ ؟

同歌手歌词