FATHER AND ME

Young Bug

作曲 : J.Cole

作词 : JoKeR-Arafat Samurai

Joker-Arafat

سەن بولساڭلا يېنىمدا ھېچنېمە ئەمەس تەس

ھەر ۋاقىت يېنىمدا سەن ھېچكىم قىلالمايدۇ قەس

ھېس قىلدۇرىسەن ھەر ۋاقىت مەن ئۈچۈن سوقىدىغاندەكلا يۈرۈكۈڭ

ماڭا كېرەكلىكىنى ئايىمايلا بېرەتتىڭ

v1(samurai)

ھەر ۋاقىت كەينىمدە يۆلەپ تۇرىسەن

سەن خۇددى خاسىيەتلىك ئادەم

ئۈزۈپ قويۇپ باقمىغان چىرايىمدا كۈلكە

ھەيۋەتلىك ھەتتا سېنىڭ سايەڭ

ماڭا پەقەتلا بىلدۈرمەيسەن ، تارتقان ھەربىر جاپايىڭنى

قۇربىم يەتسە ، رازىمەن تېتىشقا سېنىڭ ئازابىڭنى

ئاق قاپلىدى ، چاچلىرىڭنى ھېس قىلىمەن خىسلىتىڭنى

بىردەمدىلا يوق قىلىسەن ، ھەر بىر غەملىرىمنى

شۇنچىلىك مۇستەھكەم يېقىلىپ باقمىغان

ئۇتۈگىمەس ھەۋىسىم سېنى سۈرگە قالدۇرغان

قالدۇرغان ئىزلىرىڭ ئۆچمەس بۇ قەلبتىن

تىلەيمەن ، ساغلاملىق كەتمىسۇن ، سەن تۇرغان تەرەپتىن

v2(Joker-Arafat)

كىچىكىمدىن كۆتۈرەتتىڭ مۈرەڭگە ئېلىپ ئېگىز

سېنىڭ باغرىڭ كەڭ ، ئۇ خۇددى بىر دېڭىز

ھېچقايسى تېتىمايدۇ ، ماڭا سەن بولساڭلا كۇپايە

ھازىرمۇ ھەم ئېسىمدە بار ، سەن ئېيتىپ بەرگەن ھېكايە

بۇرۇندىنلا دېگەنتىڭ ، ياخشى ئادەم بول

مېنى دەپ جاپا تارتتىڭ ، قاپاردى قول

توختىماستىن تىرىشقىن ، ئۈزۈلمىسۇن يول

ساڭا رەھمەت دادا ، ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولسۇن ھەم

ماڭا كېرەكلىكى سىڭلىم بىلەن سەن

ماڭا كېرەكلىكى سىڭلىم بىلەن سەن

Joker-Arafat

سەن بولساڭلا يېنىمدا ھېچنېمە ئەمەس تەس

ھەر ۋاقىت يېنىمدا سەن ھېچكىم قىلالمايدۇ قەس

ھېس قىلدۇرىسەن ھەر ۋاقىت مەن ئۈچۈن سوقىدىغاندەكلا يۈرۈكۈڭ

ماڭا كېرەكلىكىنى ئايىمايلا بېرەتتىڭ

同歌手歌词